مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈللىنىش مۇساپىسىگە ئاتلىنايلى

___ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2019.07.01 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە بۇرچى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان 100 يىل دەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋاقتى!» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يۈرۈش قىلىش ئۇلۇغۋار ئىشلار ___ ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسىنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شان-شەرىپىنى يېزىشقا چاقىردى.

  98 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى 21 - ئەسىردە يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 70 يىل بولدى. 70 يىل جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «قىلالايدۇ»، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن «بولىدۇ»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن «ياخشى» دېگەن جاۋابنى مۇقەددەس زېمىندىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق مىليونلىغان خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا يېزىپ بەردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان چوڭ سەكرىشىنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي ھەم زامانىۋى چوڭ دۆلەت جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە تولدى، مۆجىزە جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ