مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز ۋاكسىنىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ

2019.07.01 17:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- سانلىق يىغىنىدا 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى شۇ كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكسىنىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىكەن، ئۇنىڭ ئۆز مۇددىتىدە تاماملىنىشىدىن ئۈمىد باركەن.

  دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈەن لىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، مەملىكەت بويىچە ۋاكسىنىنى ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق سۇپىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىۋاتىدۇ ھەمدە كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ۋاكسىنىنى ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ياخشى قۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ ۋە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جۈنخەي مۇنداق دېدى: ۋاكسىنىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بىر يېڭىلىق. بۇ سىستېما پۈتكەندىن كېيىن، ھەر بىر ۋاكسىنىنىڭ «كىملىكى» بولىدۇ، تەكشۈرسىلا، ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ قايسى كارخانا تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا سۈپەت جەھەتتە نۇقسان بار-يوقلۇقى، ئوبوروت قىلىش ۋە توشۇشتا مەسىلە بار يوقلۇقى قاتارلىقلارنى بىر تەكشۈرۈپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ پەرق ئېتىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنى كونترول قىلىش ئاپپاراتى، ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىنىڭ ۋاكسىنا باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنى ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۇچۇرلاشتۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ