مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

2019.07.01 17:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلىش يىغىنى ئاچتى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى ماقۇللاندى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا جازا ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق مەركەز نەقچوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللىنىپ، 2018-يىللىق مەركەز نەقچوتى تەستىقلاندى ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فېڭ جۇڭخۇانىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار تەكلىپلەر ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا ئالاقىدار ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ سۆز قىلدى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى يىغىندا جەمئىي توققۇز قانۇن لايىھەسى ۋە ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ، بۇنىڭ ئىككىسى ماقۇللاندى. ئەڭ مۇھىم قارالما مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا جازا ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. رەئىس شى جىنپىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. بۇ قارار، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ پاكىتنى ئاساس قىلىپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش، جازانى ئاساس قىلىپ، تەربىيە بېرىشنى قوشۇمچە قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىشەنچىسى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى؛ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ؛ كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ؛ دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، دېموكراتىك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان، مەدەنىي خەلقئارا ئوبرازىنى يەنىمۇ تىكلەشكە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چىقارغان ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارىغا ئاساسەن، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە دائىرىسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئېھتىياتچان، ئادىل، قانۇن بويىچە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر ھالقىنىڭ قەتئىي ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىشىگە، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشتا ياخشى سىياسىي ئۈنۈم، قانۇن ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : يىغىندا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك قانۇن قورالى بىلەن تەمىنلىدى. يىغىندا ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىدىكى توي قىلىش-ئائىلە تۈزۈش لايىھەسى، ۋارىسلىق قىلىش لايىھەسى 2-قېتىم قاراپ چىقىلدى. بۇ ئىككىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىپ، لايىھەنى يەنىمۇ ياخشى تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئورنى ۋە مەقسىتىنى توغرا ئىگىلەپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرە بىلەن چەكلەپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە رىئايە قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى: قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن-تۈزۈمنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى : مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەتچىلىك بېسىمىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ياخشى تەييارلاپ، ياخشى قاراپ چىقىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، مەسىلىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. بەشىنچى: ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق نازارەت قىلىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-قېتىملىق مەخسۇس لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىلمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېنشيەن « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى » دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ