6-ئاينىڭ 29-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى ۋە شېنجېن شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكىنىگە 18 يىل بولغان «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشىنىڭ بىرسى»، جىنايەت گۇماندارى ليۇ باۋفېڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەمدە زاڭ مالنى قايتۇرغان. ئۇ پارتىيە-19 قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تۇتۇپ كېلىنگەن «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشىنىڭ ئون بىرىنچىسى»، شۇنداقلا «ئاسمان تورى ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى ئىچىدىكى تۇتۇپ كېلىنگەن ئەللىك توققۇزۇنجى كىشى.
مەركىزىي كومىتېت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى : ليۇ باۋفېڭنىڭ تۇتۇپ كېلىنىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قاچقانلارنى چوقۇم قوغلاپ تۇتۇش، ئاخىرغىچە قوغلاشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە،دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىدىكى قاچقۇنلارنى تۇتۇش،زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەيمىز.چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن چىرىك ئۇنسۇرلارنى خام خىيالدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ، تېزدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمىز.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ