مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى90 مىليون 594 مىڭغا يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن 1 مىليون 30 مىڭ كۆپىيىپ، % 1.2 ئاشقان. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 610 مىڭغا يېتىپ، 2017-يىلدىكىدىن 39 مىڭ كۆپىيىپ، %0.8 ئاشقان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جەلپكارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىغان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى:پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانى 90 مىليوندىن ئاشتى، بۇ ھەم پارتىيەگە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ھەم جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى. 90 مىليوندىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، جەزمەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك مېلودىيەسىنى ياڭرىتىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ