مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شان-شەرەپلەر پۈتۈن شەھەرنى شادلىققا چۆمدۈردى

شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى باشلاندى

2019.07.01 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پۈتۈن شياڭگاڭدا 400گە يېقىن تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى، ھەر ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە زاتلار بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، كۆرگەزمە قىلىش، ھەربىي لاگېر ئېچىۋېتىش كۈنى، مال سېتىۋېلىش بايرىمى ۋە ئات بەيگىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش خۇشاللىقىنى يەتكۈزدى.

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، شياڭگاڭ كوچىلىرىدىكى نۇرغۇن جايلاردا دۆلەت بايرىقى ۋە رايون بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان قىزىل پىلاكاتلار ھەر يەردە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرماقتا. ۋىكتورىيە پورتىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا 20دىن ئارتۇق چوڭ ئېكراندا شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى 22 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ھەر ساھەنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ سىنلىق كۆرۈنۈشلىرى تەكرار-تەكرار كۆرسىتىلمەكتە.

  6- ئاينىڭ 30- كۈنى، يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋىكتورىيە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنزۇڭ، شياڭگاڭ جۇڭگو بىرلەشمە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې جىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. جاڭ جيەنزۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ئاستىدا قوش ئەۋزەللىككە ئىگە، ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى شەھەر ئاھالىسىنى داۋاملىق يېتەكلەپ، كەلگۈسى نىشانغا قاراپ تىرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ