ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئېچىۋېتىپ، شەھەر ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە «1-ئىيۇل»نى تەبرىكلىدى

2019.07.01 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنىڭ ئاڭچۇەنجوۋ ھەربىي گازارمىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 22 يىللىقى. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋە 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇدا ئىككى كۈن تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان ئاڭچۇەنجوۋ ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋېتىپ، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى گازارمىغا كىرىپ، يېقىن ئارىلىقتىن ئارمىيە، گازارما ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. ئىككى كۈنلۈك ئېچىۋېتىش پائالىيىتى تەخمىنەن 30 مىڭ ئادەمنى جەلپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ