خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خۇنەن شىنخۇاڭ 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «تەنتەربىيە مەيدانىغا كۆمۈلگەن جەسەت» دېلوسى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇخبىرنىڭ 30-ئىيۇن خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، خۇەيخۇا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە شىنخۇاڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەلەپكە ئاساسەن دەرھال قانۇن بويىچە خادىم ئەۋەتىپ، دېلونى تەھقىقلەش خىزمىتىگە ئالدىن ئارىلىشىپ، دىلو ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تەھقىقلەشكە يېتەكچىلىك قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئادا قىلىپ، يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىز قوغلاپ، دېلو تەھقىقلەشنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ