مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوساكا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىدىكى ئۈچ چوڭ يارقىن نۇقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن جيې، ياڭ يىجۈن

2019.06.27 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىگە بېرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئۇدا 7-قېتىم قاتنىشىشى ياكى رىياسەتچىلىك قىلىشى. ئارىلىقتا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەقەززاسىنى قوزغىدى، بۇ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن دۇنيا ئىقتىسادىغا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

  بىرىنچى نۇقتا: ئالدىراش كۈنتەرتىپنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوساكا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىدا، ئىنتايىن ئالدىراش بولغان بىر كۈنتەرتىپ جەدۋىلى بار.

  بىرىنچى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۆت باسقۇچلۇق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە، كىلىمات، ئېنېرگىيە، مۇھىت قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قاراش، تەشەببۇسلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، توغرا تومۇر تۇتۇپ، ياخشى تەدبىر قوللىنىشقا كۈچ چىقىرىدىكەن.

  «بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، تەرەققىيات تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، كەلگۈسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش ياكى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈشكە يۈزلەنمەكتە، كۆپچىلىك بۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.» جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ يەنە مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تۇماننى تارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .

  ئىككىنچى ، ئۈچ مەيدان كۆپ تەرەپلىك «يىغىن ئىچىدىكى يىغىن»غا قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدىن باشقا يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-رۇسىيە-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى، جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ كىچىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ب د ت نىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ «يىغىن ئىچىدىكى يىغىن»لار جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق.

  ئۈچىنچى، كۆپ مەيدان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن فېڭيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىشنىڭ سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  ئىككىنچى نۇقتا: قايسى مۇھىم تەشەببۇسلارنى بايان قىلىدۇ؟

  باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان چەكلەش تەدبىرلىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سودا جىددىي ۋەزىيىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئېنىقسىزلىقنى كۈچەيتىۋەتتى، دەپ قاراپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، زىيارەت قىلىنغۇچى مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقى، مۇقىمسىزلىقى ئاساسلىقى سودىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىدىن كەلگەن، سودا جىددىيلىكىنى ئاساسلىقى بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈيەن مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم خىرىس سودا قورۇقچىلىقى. «ھەيۋە قىلىدىغان سودا قورۇقچىلىقى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تۇمانلىق دۇنيا ئىقتىسادىغا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى باشتىن-ئاخىر قوغدايدۇ، بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا باشتىن-ئاخىر قارشى تۇرىدۇ. ئوساكا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى، ئېچىۋېتىشنى، كەڭ قورساق بولۇشنى، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى قوللايدىغان ھەققانىي سادا چىقىرىدۇ.

  چېن فېڭيىڭ: 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ، مەيلى كۆلىمى ياكى تەسىرى جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىسى دۇنيا ئىقتىسادىدا زور رول ئوينايدۇ.

  «ھازىرقى ۋەزىيەتتە، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئاساسىي مۇنبىرىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك»، دېدى.

  ئۈچىنچى نۇقتا: دۇنياغا قانداق سىگنال يەتكۈزۈلىدۇ؟

  «تەرەققىيات» ئوساكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم قارالمىلىرىنىڭ بىرى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئوساكا باشلىقلار يىغىنى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ مەبلەغ سېلىش، تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 6-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش پىرىنسىپى» تەستىقلاندى. كەسپىي زاتلار مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجە ھۆججىتى مەۋقەنى تەرەققىياتقا قويۇپ، تەرەققىياتنى قوللاپ، جۇڭگو ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»، «ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش» قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

  «‹بىر بەلباغ، بىر يول›نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگونىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۇل ئەسلىھە، ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەنمۇ زور پايدىلىق ئىش»، دېدى جاڭ يۈيەن.

  باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن قارالمىلارغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ ئارقا-ئارقىدىن ئىجابىي ئۇچۇرلارنى تارقاتتى: ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەت كارخانىلىرىنى خالىغانچە بېسىشىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەركىن، ئادىل، كەمسىتمەيدىغان، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۇقىم سودا مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇش» پىكىر ئېقىمىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ سودا سېلىنمىسى بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى بىلىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە بەخت يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بوران-چاپقۇندىن قورقماي، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۈندىن-كۈنگە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىشەنچ مەنبەسى بولۇپ قالدى.

  «ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا كىشىلەر جۇڭگونىڭ دۇنيانى قۇچاقلاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق ھالىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرىدۇ، بۇ دۇنيا ئىقتىسادى، بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئۈچۈن ئېنىق ئىجابىي سىگنال»، دېدى چېن فېڭيىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ