مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.06.27 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، خەلق تورى ۋە ج ك پ ئاخبارات تورى ئۈستىگە ئالغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى(http://chuxin.people.cn)يېقىندا رەسمىي تورغا چىقىرىلدى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى «ئۆگىنىش چوڭ دۆلىتى»مۇ ماس قەدەمدە يولغا قويۇلدى.

  باش تېما تەربىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم روھى ۋە ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئىنكاسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.

  باش تېما تەربىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا، «نوپۇزلۇق ئېلان قىلىش»، «ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىش»، «نوپۇزلۇق يېتەكچىلىك قىلىش»، «باش تېما تەربىيەسى ھالىتى»، «ئەسلىي مەقسەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش»، «جامائەت پىكرى ئەھۋالى ئىنكاسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئالتە چوڭ بۆلەكنىڭ 10دىن ئارتۇق سەھىپىسى ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىندى. ھۆكۈمەت ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئۆگىنىدىغان كۆچمە سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ