مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز 8K لىق دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈكلۈكتىكى مەزمۇنلارنى 5Gلىق يىراق مۇساپىلىك يوللاشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى

2019.06.27 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-چېسلا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم 8K لىق دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈكلۈكتىكى مەزمۇنلارنى 5Gلىق يىراق مۇساپىلىك يوللاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە 2019- يىللىق دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن نەق مەيداندا ناھايىتى راۋان يوللاش سۈرئىتى، رەڭگىنىڭ ئوچۇق ۋە رەڭدارلىقىدىكى رەسىم سۈپىتىنى نامايان قىلدى.

  بۇ قېتىمقى بىۋاستە كۆرسىتىلگەن تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يوللاش سىنىقىنى مەركىزىي رادىئو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، «خۇاۋېي» شىركىتى، جۇڭگو يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېخنىكا كەسىپلىرى ئىتتىپاقى ۋە بېيجىڭ رەقەملىك كۆرۈنمە ئۇچۇر شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە تاماملىدى، مەركىزىي رادىئو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بېيجىڭ گۇاڭخۇا يولى ئىش بېجىرىش رايونىغا 8K لىق دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېكامېرا ئورنىتىپ، 5Gلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك توردىن پايدىلىنىپ، سىگنال يوللاش، ئۈن-سىن چاستوتىسىنى كودلاشتۇرۇش ۋە يېشىش ئۈسكۈنىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى سىگنالىنى شاڭخەي كۆرگەزمە مەيدانىغا جايلاشقان 8K لىق كۆرسىتىش تېرمىنالىغا ئەۋەتىپ، نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىپ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 320Mb/s تېزلىكتىكى 8Kۋىدىئو يوللاشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، ئومۇمىي تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتىدا ئالدىن سىناق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يوللاش ئەمەلىيىتى 5G تورىنىڭ يوللاش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭ تۆۋەن ۋاقىت ئۇزارتىش، يۇقىرى سۈرئەت نىسبىتى ۋە چوڭ ئۇلاش، ھەمدە يالپاقلاش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت مەخسۇس تور تېخنىكىسى ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېۋىزورنىڭ قوللىنىلىشىنى ناھايىتى ياخشى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ