«سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى يىغىنى 2019» ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلدى

2019.06.27 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاۋمېن فۇكاڭ جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان «سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى يىغىنى 2019» ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، «بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، ئىناق ئۆتۈش، باراۋەر بولۇش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ 1000دىن ئارتۇق ئەزاسى ھەمدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ