خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئىيۇن، خۇەيخۇا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنخۇاڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ (ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ سابىق مۇدىرى خۇاڭ بىڭسۇڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر شىنخۇاڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن. خۇەيخۇا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خۇاڭ بىڭسۇڭغا قارىتا 24-ئىيۇن تۇتۇپ تۇرۇش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خۇاڭ بىڭسۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1949-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇاڭ ناھىيەسىدىن، ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. 1966-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1975-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 3- ئايغىچە شىنخۇاڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەشۋىقات ئەترىتى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان؛ 1977-يىلى 3-ئايدىن 2005- يىلى 3-ئايغىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىنخۇاڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ (ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)نىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئوقۇتۇش خىزمىتى خادىمى، سىياسىي-مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ مۇدىرى، باش ياچېيكا شۇجىسى بولغان؛ 2005-يىلى 3-ئايدىن 2009- يىلى 10-ئايغىچە شىنخۇاڭ دۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ (ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)نىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 2009- يىلى 10-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنخۇاڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «تەنتەربىيە مەيدانىغا جەسەت كۆمۈش» دېلوسى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، خۇاڭ بىڭسۇڭنىڭ دېلوغا چېتىشلىق بولغان- بولمىغانلىقى سىرتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساقچى تەرەپ خۇاڭ بىڭسۇڭنىڭ جىيەنى دۇ شاۋپىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىقرارى ۋە نەق مەيداندىكى كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، شىنخۇاڭ 1- ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىدا 2003-يىلى يوقاپ كەتكەن شىنخۇاڭ 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ئاساسىي قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان دېڭ شىپىڭنىڭ جەسىتىنى قېزىپ چىقتى. دېڭ شىپىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دېڭ شىپىڭ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى قوغدىغانلىقتىن، مەيدان قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپنىڭ مەسئۇلى دۇ شاۋپىڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
خۇەيخۇا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 23-چېسلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئۇ (خۇاڭ بىڭسۇڭ) ھازىرچە دۇ شاۋپىڭنىڭ دېڭ شىپىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، لېكىن مەيدان قۇرۇلۇشىدا خېرىدار چاقىرىش قېلىپلاشماسلىق، خامچوت ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ