مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«2019-يىللىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى» ئاۋسترىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2019.06.24 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن ئاۋسترىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «2019 . جۇڭگو-ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى» 21-چېسلا ئاۋسترىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسى «شەرق بىلەن غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى سېلىشتۇرۇش» بولۇپ، جۇڭگو ۋە ياۋروپادىكى ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدىن كەلگەن 100گە يېقىن كىشى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىدىكى ئەھمىيىتى، ئىنسانىي ھوقۇق قىممەت قارىشىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

  جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ زىتاڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ سەكرەشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  جۇڭگونىڭ ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى شياۋسى تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىدىيەسى جۇڭگو-ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇقۇش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىدى.

  «جۇڭگو - ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى»نى جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى 2015-يىلى قۇرغان بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقە ۋە سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، مۇھاكىمە يىغىنى نەزەرنى ئايرىم-ئايرىم بالىلارنىڭ ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق قاتارلىق قارالمىلارغا قارىتىپ، ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدە بارغانسېرى كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ