مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا جەمئىيەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەنگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

2019.06.24 15:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى چاۋشيەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى ۋە ئىجابىي باھا بەردى.

  ياۋروپا تەتقىقات خەلقئارا مەركىزى ياۋروپا جۇڭگو تۈرىنىڭ مۇدىرى جورج زوگوپرۇس مۇنداق دېدى: بۇ بىر قىتىملىق تارىخى خارەكتىرلىك زىيارەت بولۇپ، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە رايون ۋە دۇنيا تىنىچلىقى، مۇقىملىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم چاۋشيەنگە قىلغان زىيارىتى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  مىسىرنىڭ سابىق زۇڭلىسى EssamSharaf ئىسسام شاراف مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئەھمىيتى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان زىيارەت، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق پىلانلاش، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇقىغا يېتەكچىلىك قىلىشىتا يېڭى سەھىپە ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىشتەك زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پاكىستان دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەمىر ئا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن نۆۋەتتە ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم يۆنىلىشىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بۇرىدى، بۇ بىر ئىجابىي سېگنال. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە چاۋشيەننىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك لۇشيەنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.

  ئامېرىكا بولۇمبېرىگ ئاگېنتىلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەن ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ۋە سۆھبەتتە مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ ئىپادىلىدى.

  كورىيە سۇڭ كيۇنكۋان داشۆسى سۇڭ كيۇن جۇڭگو تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەنگە قىلغان زىيارىتى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارال مەسلىسىدىكى پىكىرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېرىم ئارال مەسلىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارال ۋەزىيتىنىڭ ياخشى ئايلىنىش قېلىپىغا كىرىشگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ