مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىكترونلۇق سودىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

2019.06.24 15:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، پوچتا ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 6-ئايدىن 11-ئايغىچە «تور شەمشىرى ھەرىكىتى» ناملىق 2019 تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، تور بازىرىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، تور تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىكترونلۇق سودىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.

  سەككىز تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان «ھەرىكەت لايىھەسى» گە ئاساسەن، تور شەمشىرى ھەرىكىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى كۈچەپ قېلىپلاشتۇرۇش، توردا ساختا، ناچار مەھسۇلات، خەتەرلىك يېمەكلىك ۋە ساختا دورا، ناچار دورا سېتىش، ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش، ئىنتېرنېت ئېلانلىرىنى چوڭقۇر تۈزەش، باشقا تور سودىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ناتوغرا رىقابەتكە زەربە بېرىش جەھەتتە، «ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، توردا ساختا تەشۋىق قىلىش، ساختا زاكاز تىزىملىكى ۋە ساختا ئىناۋەت ئويدۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سېتىشنى تېزلىتىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوشۇپ سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سېتىش، تەشۋىق قىلىش قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قۇرۇق پوسۇلكىنى قانۇنسىز ئەۋەتىشكە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ زاكاز تىزىملىكى كۆپەيتىشى، ساختا ئىناۋەت ئويدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى تىجارەتچىلەر ساختا زاكاز تىزىملىكى چىقىرىش، ساختا ئىناۋەت ئويدۇرۇش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ