مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى

2019.06.24 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

  717- نومۇرلۇق

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئىرسىيەت بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 20 - كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 41- قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

  زۇڭلى لى كېچياڭ

  2019- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى

  1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا دۆلىتىمىزنىڭ ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، بۇ نىزام چىقىرىلدى.

  2- ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقى بولسا، ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقى ماتېرىيالى ۋە ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقى ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقى ماتېرىيالى بولسا،ئادەم بەدىنىدىكى گېن گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئىرسىيەت ماددىلىرى تەركىبىدە بولىدىغان ئەزا، توقۇلما ۋە ھۈجەيرە قاتارلىق ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىدۇ .

  ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقى ئۇچۇرى بولسا، ئىنسانلار ئىرسىيەت بايلىقى ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل بولغان سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ