مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

ئىختىساسلىقلارنى جاپالىق ھەم چەت-ياقا رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىگە يۆتكىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك

2019.06.20 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، «ئىختىساسلىقلارنى جاپالىق ھەم چەت-ياقا رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىگە يۆتكىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جاپالىق ھەم چەت-يىراق رايونلارنىڭ ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچتۇر. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جاپالىق ھەم چەت-ياقا رايونلاردىكى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىدىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ جاپالىق ھەم چەت-ياقا رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھازىر جاپالىق ھەم چەت-ياقا رايونلاردا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىدە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يەنىلا ناھايىتى گەۋدىلىك بولماقتا. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نىشان-تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا، يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارنى مۇشۇنداق جايلارغا يۆتكىلىشكە جەلپ قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جاپالىق ھەم چەت ـ ياقا رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ 1ـ سېپىگە بېرىپ ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ