جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىرى لانكا پارلامېنتىغا ئامانلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىئانە قىلدى

2019.06.20 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 19- كۈنى، سىرى لانكا كولۇمبودا، سىرى لانكا پارلامېنت باشلىقى جاياسۇرىيە (ئالدىنقى ئوڭ تەرەپ ئىككىنچى) ۋە جۇڭگونىڭ سىرى لانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېڭ شۆيۈەن (ئالدىنقى ئوڭ تەرەپ ئۈچىنچى) جۇڭگو تەرەپ ئىئانە قىلغان ئامانلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى بىرلىكتە تەكشۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 19- چېسلا سىرى لانكا پارلامېنتىغا نۇرغۇن ئامانلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىئانە قىلدى. بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپ ئىئانە قىلغان ئامانلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىدە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك X نۇر ماشىنىسى ۋە مېتال تەكشۈرۈش ئىشىكى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ