باش يازدا چىڭخەينىڭ گولمۇد شەھىرىدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، دېڭىز يۈزىدىن 4484 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ ۋاڭكۇن ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدۇق. تۆت ئەتراپقا نەزەر سالساق يۈجۇ چوققىسى قار بىلەن قاپلانغان، تاغ چوققىلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ يەرنىڭ لاسا ۋوگزالى بىلەن بولغان ئارىلىقى 999 كىلومېتىر بولۇپ، تۆمۈر يولنىڭ مىڭ چاقىرىملىق توڭ توپىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بەلگىسى مۇشۇ يەرگە قويۇلغان. ئالدىغا يەنە ئازراق ماڭساق، كۆكشىل ئادەمسىز رايونى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان تاڭگۇلاغا بارغىلى بولىدۇ.
يېرىم ئاي ئىچىدە، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدىن شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرىگىچە مۇخبىرلار تۆمۈريول بويىدىكى ئاساسلىق بېكەت بۆلەكلىرىگە بېرىپ، كونا گۇەنجياۋ تونىلىدىن ئىبارەت ئىشچىلار ھاياتى بىلەن پۈتۈپ چىققان بۇ «پەلەككە چىقىش شوتىسى»نى زىيارەت قىلىپ، چارخان تۇز كۆلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قۇرۇلۇش رايونىدا 35 يىل چىڭ تۇرۇپ ئىشلىگەنلىكىدەك ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، چىڭسىخوزا پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى ئاستىدىكى تىبەت بۆكىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قۇرۇلۇش جەريانىدىكى «رەقەملىك ئاسمان يولى»نىڭ «جۇڭگو سۈرئىتى»نى كۆرسىتىشىگە شاھىت بولدى . . .
شىنىڭدىن گولمۇدقىچە بولغان بۆلەكتە قاتناش باشلانغاندىن باشلاپ، چىىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى 35 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى»دىكى بۇ پولات-تۆمۈر تومۇرى ھالقىما تەرەققىيات دەۋرىگە شاھىت بولدى.
توڭ تۇپراق بويسۇندۇرۇلدى، ئېكولوگىيە قوغدالدى، قارلىق ئېگىزلىك ئەمدى يىراق ئەمەس
شىنىڭدىن غەربكە سوزۇلۇپ گولمۇدقىچە، ئاندىن جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى خۇددى بىر توم بىلەككە ئوخشاش چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنى باغاچلاپ ياتىدۇ. 1984-يىلى، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنىڭدىن گولمۇدقىچە بولغان ئارىلىقىدا قاتناش باشلىنىپ، 2006-يىلى گولمۇدتىن لاساغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتناش باشلاندى. 1978-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، جۇڭگو تۆمۈريولى چىڭخەي-شىزاڭ گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 297 كىلومېتىردىن 3035 كىلومېتىرغا يېتىپ، 11 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.
تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدىن كۆرۈڭ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى