جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى: سىچۈەن چاڭنىڭدا يۈزبەرگەن يەر تەۋرەشتە 13 كىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى، 199 كىشى يارىلاندى

2019.06.19 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18 – ئىيۇن جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 18 – ئىيۇن سائەت 16گىچە، سىچۈەن چاڭنىڭدا يۈزبەرگەن يەر تەۋرەشتە 13 كىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، 199 كىشى يارىلانغان. ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزۇشىنىڭ نەتىجىسىدە كۆمۈلۈپ، قاپسىلىپ قالغان 20 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 731 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.

  18 – ئىيۇن سائەت 16گىچە، يەر تەۋرەشتە 142 مىڭ 832 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 73 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 19 ئېغىز ئۆي ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 12 مىڭ 723 ئېغىز ئۆي ئادەتتىكى دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 8447 كىشى جىددىي يۆتكىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى قوماندانلىق زالىدا نەق مەيدان ئەھۋالىنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت رايونىدا ئەۋەتىپ، ئاپەتكە ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى شۆبە ئەترەتتىن ئوننى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىدىن 116نى، 526 كىشىنى يىغىپ يەر تەۋرىگەن رايونغا بارغان، سىچۈەن ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنى 17 ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ، 154 كىشى 703 يۈرۈش جابدۇق ئېلىپ يەر تەۋرىگەن رايونغا بارغان، يەر تەۋرىگەن رايون ئەتراپىدىكى 12 دۆلەت كان جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى 172 كىشىنى ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئادەم ئىزدەش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتكەن. جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى 80 كىشىنى يەر تەۋرەش رايونىغا يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش، تەسىر دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش، زىياننى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتكەن. جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەش رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر نۇقتىلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالغان.

  مەركەز ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى چېڭدۇ زاپاس ئامبىرى ئاپەت رايونىغا 5000 چېدىر، 10 مىڭ قاتلىما كارىۋات، 20 مىڭ يوتقان يۆتكەپ بەرگەن، 18 – ئىيۇن سائەت 12 گىچە، 450 چېدىر، 900 قاتلىما كارىۋات ، 3700 يوتقان تارقىتىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ