مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇاڭ كۈنمىڭ: يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئىشلىتىش كېرەك

2019.06.19 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»نى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تېزىس»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  خۇاڭ كۈنمىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىدىيە بايرىقى، روھىي جېنى بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى يۈكلىنىپ، ئېگىلمەس غايە – ئېتىقادى، چوڭقۇر تارىخىي كۆزىتىشى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، گۈللىنىش يولىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ماھىيەتلىك جەۋھىرىنى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى ۋە ئىجادىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بۇنىڭدىكى ماركسىزملىق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىڭدۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىي ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  خۇاڭ كۈنمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئىشلىتىپ، «تېزىس»نى ئۆگىنىشنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشكە ئاتلىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ