سىچۈەن خۇاڭلۇڭ: باشماقگۈلنىڭ گۈزەللىكى

2019.06.17 16:18 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  6-ئاينىڭ 12-كۈنى، سىچۈەن خۇاڭلۇڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ گۈل-گىياھ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، ئورمانچىلىق ئالىي ئىنژېنېرى جۇۋ تىڭخۇڭ (سولدا) سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرگەن باشماقگۈلنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە تەييارلىق قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىچۈەن خۇاڭلۇڭ تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايونى مول بولغان كەترەن گۈلى بايلىقىغا تايىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنى قۇرغان دوكتۇر خۇاڭلۇڭ خىزمەت پونكىتى، بېيجىڭ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بىلەن كەترەن گۈلى ئۆستۈرۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى ھەمدە كۆلىمى تەخمىنەن 400 كۋادرات مېتر كېلىدىغان خۇاڭلۇڭ كۆچەتلىكىدە، باشماقگۈل ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈش، تېرىش، ئەلالاشتۇرۇپ تاللاش ئارقىلىق ئۇنىڭ مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. خۇاڭلۇڭ دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، خۇاڭلۇڭ تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايونىدا، كەترەن ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ 31 ئۇرۇقدىشى، 70 نەچچە تۈرى بار ئىكەن. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3.6 كىلومېتىر كېلىدىغان خۇاڭلۇڭگۇ جىلغىسىدا، 19 ئۇرۇقداش، 34 خىل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان باشماقگۈل ئۆسىدىكەن، خۇاڭلۇڭگۇ جىلغىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بويىچە 25 قىزىق نۇقتا رايونىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. (مۇخبىر جياڭ خۇڭجىڭ فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ