مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى باش تېمىلىق تەربىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى

2019.06.17 16:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەسنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېمىلىق تەربىيەنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت بەڭگۈڭتىكى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قاتارلىقلار سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، باش تېمىلىق تەربىيەنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇردى. مەركىزىي سىياسى-قانۇن كومىتېتى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قاتارلىقلار ئۆز زېممىسىگە ئالىدىغان سىياسى ۋەزىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزدى. ھەرقايسى ئورۇنلار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۈيغۇسى ۋە بۇرچ تۈيغۇسى بىلەن شەكىلۋازلىق، بىيرۈكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۈگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، قوللىنىشنى تەڭ يولغا قويۇش، بېلىش، ئىشىنىش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۈگىنىش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۈگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ ئۈگىنىش» قاتارلىق مۇھىم تەلىپى بويىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە سەپەرۋەرلىكە كەلتۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى. رەھبىرى كادىرلاردىن ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رەھبىرى كادىرلار ئالدى بىلەن ئۈگىنىپ، ئالدى بىلەن ئۆزگەرتىپ، سىياسى قۇرۇلۇش، ئىدىيىۋى قۇرۇلۇش، كەسپىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىنى مەركەز قىلىپ، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ پۇختا ئۈنۈمى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى مەخسۇس تېمىلىق سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنى، ئىنقىلاۋى ئەنئەنە دوكلاتى، قەھرىمانلار ۋە نەمۇنىچىلار نەق مەيدان ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق مول ئۈگىنىش شەكىلى ئارقىلىق، ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاپ، روھى كالىتسينى تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەدلىيەنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ھەققانىيلىقنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقستى ۋە بۇرچى. مائارىپ مىنستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى خەلق تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى چۆرىدەپ، ئاساسى قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، باش تېمىلىق تەربىيەنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى، جىددى ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارمۇ بۇنى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنىڭ يېتەكچى يۆنىلىشى قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ