مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى

2019.06.17 16:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى «ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى- رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ھاياتى كۈچكە تولغان ياز پەسلىدە، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە كەينى-كەينىدىن ياخشى ئىشلار مەيدانغا كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقىرى يىغىنىدىن ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغىچە، باشتىن-ئاخىرى بوران-چاپقۇنلۇق خەلقئارا ۋەزىيەتتە تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، تارىخىي ۋەزىيەتنى پەملەپ، ئاسىيا بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشقا جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى؛ دەۋر خىرسلىرىغا بىۋاستە يۈزلىنىپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتەك جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ساداسىنى چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو فرانسىيە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىدىن سانكىرت-پېتىربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگىچە، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىغىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغىچە، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇلغان ئىدىيە، دۇنيا ئومۇمغا مەنسۇپ جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەس ھىسسىياتى بولدى. ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، مەسئۇلىيەتچان جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشمەكتە، كۈنسېرى دۇنيا تىنچىلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، يەر شارى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچىغا ئايلانماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ