مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى بۇ يىل يولغا قويۇلىدۇ

2019.06.17 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلىپ، تامامەن يېڭىچە بولغان جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  جۇڭگو كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن شۈ يىغىندا كالتەك توپ تەنھەرىكىتىنىڭ كەسىپلەشكەن ئىسلاھات لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىسلاھاتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جۇڭگو كالتەك توپچىلار بىرلەشمىسى بىلەن پايتەخت پولات-تۆمۈر شىركىتى تەنتەربىيەسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو كالتەك توپىنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش، ياشلار بويىچە تەربىيەلەش، دۆلەت ئىچىدىكى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن جۇڭگو كالتەك توپ تەنھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

  2019-يىللىق جۇڭگو كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىجازىتىنى باھالاش ئېلان قىلىندى، 2018-، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك كالتەك توپ مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى سەككىز كوماندا ۋە 2018-يىللىق، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىشتىن سىرتقى كۇلۇبلار مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى ئالتە كۇلۇب تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ