«بىر بەلباغ، بىر يول» كىنو بايرىمى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەمكارلىقى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى شاڭخەيدە باشلاندى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ھەمدە رۇسىيە، ئىتالىيە، قازاقىستان، ھىندۇنېزىيە، مىسىر، برازىلىيە قاتارلىق 23 دۆلەتنىڭ 26 كىنو بايرىمىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» كىنو ئىتتىپاقىنىڭ تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىش ئارقىلىق، كىنو مەدەنىيىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يولىنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋاتقانلىقى ۋە پۇختىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئوقۇشىمىزچە، بۇ نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» كىنو ھەپتىلىكىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» غا مۇناسىۋەتلىك كىنو ئىشلىگۈچىلەر كىنو بازىرىدىكى قويۇش، مۇنبەر ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى سېلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىنىپ، ئۇلارغا كەسىپنى ئۇلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدىكەن، ئۇلار جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بايلىقنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ