مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقى مۇددىتى تۆت ئايلىق بولغان قاتناش بىخەتەرلىكىنى تۈزەش جېڭىنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.06.17 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ج خ مىنىستىرلىقى كۆرۈنمە چاستوتا يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە تۆت ئاي داۋاملىشىدىغان «يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەنتەنىلىك مەرىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» بويىچە تۈزەش جېڭىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ج خ قاتناش تارماقلىرىدىن پۈتۈن ساقچى بويىچە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «ئۈچتە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش، ئۈچتە نۆل بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ خاڭۋېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دۇ خاڭۋېي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان چوڭراق ھادىسە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئازايدى، بىر قېتىمدا 10 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە «نۆل» بولۇشتەك تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. جايلار تۈزەش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى مەنبەدىن تۈگىتىش، يول قاتنىشى تەرتىپىنى ساپلاشتۇرۇش، يېزا يولى بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، تەشۋىقات-ئاگاھلاندۇرۇش-ئاشكارىلاش، جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىش قاتارلىق بەش چوڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى يولۇچى توشۇش، بىر خەتەرلىك بۇيۇم، بىر مال توشۇش» نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ھادىسىسى، بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى، بىر قېتىمدا بەشتىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىگە ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە ۋە مۇھىم بايرام نۇقتىسى، مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى زور ھادىسىلەرنىڭ «نۆل» بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.

  مەنبەنى چىڭ تۇتۇپ، يول قاتنىشى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش-تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى «نۆللەشتۈرۈش»، نۇقتىلىق تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. جەڭ قىلىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، قاتناش تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تاشيول قاتناش تەرتىپىنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
  
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ