مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەخسىي ئۇچۇرنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باھالاش چارىسى توغرىسىدا

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئاشكارا پىكىر ئالدى

2019.06.14 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 – ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 13 – ئىيۇن «شەخسىي ئۇچۇرنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باھالاش چارىسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسلانغاندا، شەخسىي ئۇچۇر چېگرادىن چىقىشتىن ئىلگىرى بىخەتەرلىكى باھالىنىدىكەن. بىخەتەرلىك باھالىشىدا شەخسىي ئۇچۇر چېگرادىن چىقسا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش تەس دەپ بېكىتىلگەنلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا بولمايدىكەن.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بېكىتىلدى: شەخسىي ئۇچۇر ئېلېكتىرونلۇق ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق خاتىرىلىنىدىغان ئايرىم ياكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەبىئىي شەخسنىڭ شەخسىي سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ھەر خىل ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، تەبىئىي شەخسنىڭ ئىسىم فامىلىسى، تۇغۇلغان كۈنى، كىملىك نومۇرى، شەخسىي بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەخسىي ئۇچۇر چېگرادىن چىقىشتىن ئىلگىرى، تور تىجارىتى قىلغۇچىلار تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك تور ئۇچۇر تارمىقىغا شەخسىي ئۇچۇرنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شەخسىي ئۇچۇرنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باھالاشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە سىياسەت – بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقى؛ توختام ماددىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرەيلەيدىغان – كاپالەتلەندۈرەلمەيدىغانلىقى؛ تور تىجارىتى قىلغۇچىلار ياكى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش تارىخى بار – يوقلىقى، زور بىخەتەرلىك ۋەقەسى تۇغدۇرغان – تۇغدۇرمىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق باھالاش كېرەك. تور تىجارىتى قىلغۇچىلار شەخسىي ئۇچۇرنىڭ چېگرادىن چىقىش خاتىرىسى قالدۇرۇشى شۇنداقلا ئاز دېگەندە بەش يىل ساقلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ