خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئىيۇن، ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى روما فىئۇمىچنو ئايرودرومىدا، خىزمەتچىلەر رىم - خاڭجۇ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان يولۇچىلار ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىردى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خاڭجۇ - رىم ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇش مۇراسىمى 12- ئىيۇن ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى روما فىئۇمىچنو ئايرودرومىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يېڭى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو-ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ قولايلىق بولغان «بوشلۇق كۆۋرۈكى»نى ياسايدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە،A330-200 تىپلىق ئايروبۇس قاتنايدىكەن، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۇچىدىكەن، تاق لىنىيەلىك ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن 12 سائەت بولىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن جەنجيې فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ