خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەمۇرلارنىڭ خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولىدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، خەلق رازى بولىدىغان دەۋر قىياپىتى ۋە خەلقنىڭ چاكىرىلىق خىسلىتىنى نامايان قىلىش، كەڭ مەمۇرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەملىكەت بويىچە 9-نۆۋەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك) پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئېلىپ بېرىش، يۇقىرى- تۆۋەننى ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە، قايتا-قايتا كېڭىشىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەۋسىيە قىلىنغان ئوبيېكتلارنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئارتۇق نامزاتلارنى باھالاپ، تەقدىرلەش ئوبيېكتىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتتى.
دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن 192 «خەلق رازى بولغان مەمۇر»، 98 «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» تەقدىرلەش ئوبيېكتىنى ئېلان قىلدۇق. ئاشكارىلاش ۋاقتى: 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە. بۇ مەزگىلدە ئەگەر تەقدىرلەش ئوبيېكتىغا باشقىچە پىكىر بولسا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پاش قىلىش مەركىزىگە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە قايتما ئىنكاس قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم- فامىلىسى ۋە خىزمەت ئورنىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ياكى ئىمزا قويۇشى كېرەك.
ئالاھىدە ئېلان قىلىندى.
ئېلان قىلىش تېلېفونى: 12380-010
پاش قىلىش تور بېكىتى: 12380 پاش قىلىش تور بېكىتى
خەت تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پاش قىلىش مەركىزى
پوچتا نومۇرى: 100815
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ