مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5-ئايدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مۇقىم ئاشتى

2019.06.13 17:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 12-ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 5-ئايدا، ئېلىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 112 مىڭ 100نى ئىشلەپچىقارغان، 104 مىڭ 400نى ساتقان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.91 ۋە %1.8 ئاشقان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مۇقىم ئاشقان.

  جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى كەسىپ ئۇچۇرى بۆلۈمى مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى لى خۇڭ مۇنداق دېدى: كېلەركى يېرىم يىلدا، دۆلەتنىڭ ئالتىنچى ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشى، باج كېمەيتىپ ھەق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت تەدبىلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىشى، 6-ئاينىڭ بېشىدا ئۈچ تارماق بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان نۇقتىلىق ئىستېمال بويۇملىرىنى يېڭىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىقتىن تەكرار پايىلىنىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نىڭ كۈچ بېرىشى ئاپتوموبىل بازىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى داۋاملىق سەل تېز ئېشىشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ