مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىدىن ئۇقۇشىچە، 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆزلىشىش شېرىك دۆلەتلىرىدىكى تۈر ھەمكارلىق قەرز قالدۇقى 49 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بانكا بىرلەشمىسىگە ئەزا بانكىلار، شېرىك بانكىلارغا تارقاتقان قەرزى سەككىز مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، خەلق پۇلى قەرزى ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى نۇرغۇن خەلقئارا ھەمكارلىق كەسپىنى قانات يايدۇرغان.
2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەدە تۈرى جەمئىي 21 بولۇپ، جەمئىي 597 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت قەرزى ۋە 37 مىليون 443 مىڭ 300 يۈەن چېگرا سىرتى خەلق پۇلى قەرزى تارقاتقان، قەرز قالدۇقى 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، كانچىلىق، تېلېگراف، نېفىت خىمىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان.
2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تاجىكىستاندىكى ۋەدە تۈرى جەمئىي 23 بولۇپ، جەمئىي 505 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت قەرزى ۋە 11 مىليون يۈەن چېگرا سىرتى خەلق پۇلى قەرزى تارقاتقان، قەرز قالدۇقى 174 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، تېلېگراف، سېمونت، ئېلېكتىر، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان.
دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە قانات يايدۇرغان تۈرلۈك ھەمكارلىق-شۇ جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ھەم جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىدا پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ