مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا قائىدە ياغاچ قونچاق ئويۇنى ئەمەس

__ ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ «ماس كەلگەندە ئىشلىتىش، ماس كەلمىگەندە تاشلىۋېتىش» تەك ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق كۆرۈش لازىم

2019.06.12 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  بەزى ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلارنىڭ نەزىرىدە، دۇنيا سەھنىسىدە ئوينىلىۋاتقىنى پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئويۇنى، خەلقئارا قائىدە ئۇلارنىڭ قولىدىكى ياغاچ قونچاق ئويۇنى. سەھنە ئەسىرىنىڭ قانداق لايىھەلىنىشى، ۋەقەلىكنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەممىسىدە بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب، چۈنكى بىز ئامېرىكا، دەپ قارايدۇ. خوش، بۇنداق بولغاندا يەنە قانداق ئادىللىق بولىدۇ؟ تەستە قولغا كەلگەن خەلقئارا تەرتىپنى قانداق قوغداش كېرەك؟

  ھازىر ۋاشىنگتوندىكى بەزى سىياسەتۋازلار بىر تەرەپتىن ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپى توغرىسىدا چوڭ گەپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» نامىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىنى باستۇردى؛ بىر تەرەپتىن «ئەركىن، ئادىل ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سودا» دەپ توۋلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، يۇقىرى چەكتە بېسىم ئىشلەتتى؛ بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرگە «قائىدىگە رىئايە قىلمىغان» دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قائىدىسىنى خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالدى، ھەتتا جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجىدا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى «نامۇۋاپىق قانۇن نەزەرىيەسى تۈزدى» دەپ ئەيىبلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىق مىساللىرى ناھايىتى كۆپ: ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىش، تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى، كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ كېلىشىمى، يەر شارى كۆچمەنلەر كېلىشىمى، ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ۋە ۋاھاكازالار... «قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تۈزۈلمە تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، تەھدىت پەيدا قىلغىنى باشقا دۆلەتلەر بولماستىن، بەلكى بۇ سىستېمىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئامېرىكا.» ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسكنىڭ ھاياجانلانغان ھالدا قىلغان سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.

  دەرۋەقە، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا قائىدىنى ئاساس قىلغان بىر يۈرۈش خەلقئارا تەرتىپنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار نۆۋەتتىكى خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «ئۈستەلنى ئۆرۈپ چىقىپ كېتىمەن» دېگەندەك تەھدىت سېلىپ، خەلقئارا تەرتىپنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان «ئورمانلىق قائىدىسى»گە ئايلاندۇرماقچى بولدى.

  ماس كەلگەندە ئىشلىتىش، ماس كەلمىسە تاشلىۋېتىش __ بۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى خەلقئارا قائىدىنى ياغاچ قونچاق ئويۇنىغا ئوخشاش كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۆز مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان قائىدە سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىشتىن باش تارتماي، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، دۇنيانى قالايمىقانلاشتۇردى؛ ساختا چۈمبىلىنى يىرتىشتىن باش تارتماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەڭگۈ كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن پەللىسىدە تۇرغۇزۇش غەرىزىدە بولدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلمايدىغان ئەڭ چوڭ «قائىدىگە رىئايە قىلمىغۇچى» بولۇپ قالغان، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ