مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىلىرى: ئامېرىكا دۇنيا قائىدىسىنىڭ بۇزغۇنچىسىغا ئايلاندى

2019.06.12 15:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئۇدا تامۇژنا بېجى كالتىكىنى كۆتۈردى. جۇڭگونىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىلىرى ۋە مۇتەخەسىس ئالىملار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، مەنپەئەتنى ئەڭ زور چەككە يەتكۈزۈپ، دۇنيا سودا سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇ دۇنيا قائىدىسىنىڭ بۇزغۇنچىسى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شياۋسۇڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك قارىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپچىلىك قائىدىسىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەھدىت ئېلىپ كەلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش دېلوسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئامېرىكىنىڭ قائىدىگە رىئايە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان، بۇ سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا كۆپ تەرەپچىلىك سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىسى ھېسابلىنىدۇ .

  11-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىگە نەزەر سالساق، بۇلتۇر 5-ئايدا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىدە كۆپ خىل ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىدىن ۋاز كەچتى. بۇلتۇر 12-ئايدا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا سېتىۋېلىش سان سىفىرى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىنكى كېڭىشىش جەريانىدا باھانى خالىغانچە ئۆستۈردى. جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ۋۇ سىكې ئامېرىكىنىڭ گېپىدە تۇرمىغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى سودىدىن باشقا مەسىلە. ئۇنىڭ مەقسىتى سودا مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى رەقىبىنىڭ كۈچىنى چەكلەپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ .

  جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ياۋ پېيشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ئىقتىسادىيلىشىش دولقۇنى شەكىللەندى، بۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. ئامېرىكا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان. ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش ئىقتىسادىي سىياسىتىدە چىڭ تۇرسا، مېنىڭچە، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىرىنچىلىك ئورنىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ قالالمايدۇ، چۈنكى ئۇ نۇرغۇن شېرىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ئېقىمى شەكىللەندى، ھېچكىم بۇنى توسۇپ قالالمايدۇ، ئامېرىكىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ