شەندۇڭ چىڭداۋدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داشۆسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2019.06.12 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داشۆسى (تەييارلىق) نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى چىڭداۋ دۇنيا يەرمەنكىسى شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شۇ كۈنى جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىقلار ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ قۇرغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داشۆشى (تەييارلىق)نىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى شەندۇڭ چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مەزگىلدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داشۆسىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدىغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ