مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جياڭشىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىگە دۆلەت 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قويۇلدى

2019.06.12 15:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن، شاڭراۋ قاتارلىق جايلىرىدا ئېغىر قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا، دۆلەتلىك ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى سائەت 10 دا دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويغان.

  جياڭشى ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 6-ئىيۇندىن بۇيان، جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمالى، ئوتتۇرا رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر يېغىپ، قىسمەن دەريا-ئېقىنلاردا ئېھتىيات سىزىقىدىن يۇقۇرى سۇ كېلىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 11 گىچە، جىئەن، شاڭراۋ، يىڭتەن قاتارلىق 9 شەھەر، 45 ناھىيە، شەھەر، رايوندا 917 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئاپەت سەۋەبىدىن 6 ئادەم قازا قىلغان، بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن، 133 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە تۇرمۇشتا جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولغان، 77مىڭ 400 گېكتار يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان،7300 گېكتار يەر ھوسۇلسىز قالغان، 118 ئائىلىنىڭ 290 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 97 ئائىلىنىڭ 183 ئېغىز ئۆيى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، 1100 ئائىلىنىڭ 2117 ئېغىز ئۆيى يېنىك دەرىجىدە بۇزۇلغان، 1 مىليارد 590 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

  جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ياردەم بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا 2000 چېدىر، 10 مىڭ قاتلىما كارىۋات ۋە 20 مىڭ يوتقان قاتارلىق مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ