مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۈيجىن جەنۇبىي جياڭشىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلار ئىچىدە ئالدى بىلەن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى

«شانلىق نەتىجە ئۆزى كەلمەيدۇ، تىرىشقاندىلا ئېسىل نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ كونا ئىنقىلابىي رايونلار خاتىرىسى)

2019.06.11 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  مۇھەررىر ئىلاۋىسى: «جۇمھۇرىيىتىمىز قىزىل رەڭلىك، بۇ رەڭنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ». پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خۇتو دەرياسىدىن باۋتا تېغىغىچە، زۈنيى قەدىئىي شەھىرىدىن يۈدۇ دەرياسى بويىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «ھازىر دۆلەت تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، بىز سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى كىشىلەر كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، «قىزىل پايتەخت» رۈيجىننىڭ جەنۇبىي جياڭشىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلار ئارىسىدا نامراتلىقتىن قالپىقىنى ئالدىن چۆرۈپ تاشلىشىدىن، خۇنەن ساڭجىنىڭ دۆلەت يولى، تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يوق بولۇشتەك تارىخقا خاتىمە بېرىشىغىچە، ھەرقايسى كونا ئىنقىلابىي رايونلاردا تەرەققىيات خۇشاللىقلىرى ئارقا – ئارقىدىن تارقىلىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالدى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ كونا ئىنقىلابىي رايونلار خاتىرىسى» سەھىپىسىنى يولغا قويۇپ، دىققەتنى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يېڭى قىياپىتىگە، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.

  6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى ئۆلكىسى رۈيجىن شەھىرى يېپىڭ يېزىسى داشېڭ كەنتى. يىراقتىن نەزەر سالغاندا، ئاپېلسىن دەرىخى ھەممە يەرنى قاپلاپ، سانجاق-سانجاق چۈشكەن مېۋە غۇنچىلىرى شاخلارغا پاتماي قالغانىدى.

  «تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلسە، ئۆزىمىزمۇ تىرىشىدىغان بولساق، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل ئېلىشىمىزدا ئۈمىد بار!» دېدى خېلۇڭ ئاپېلسىن كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خۇاڭ شياۋخۇڭ تەقەززالىق بىلەن.

  بۇ يەر رۈيجىن، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي، «جۇمھۇرىيەت بۆشۈكى» دېگەن نامى بار. قىزىل ئارمىيە مەيدانى، قىزىل قۇدۇق، ئۇزۇن سەپەردىكى بىرىنچى تاغ ... ھەممە يەرگە قىزىل ئىزلار تارقىلىپ، ئۆتمۈشتىكى قاينام – تاشقىنلىق يىللارنى بايان قىلىپ بەرمەكتە.

  ۋاقىت سۇغا ئوخشايدۇ، ئىس-تۈتەكلەر ئاللىقاچان تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدىكى غەلىبە قىلمىغىچە بولدى قىلماسلىق جۇشقۇن ھېسسىياتى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئىدى. 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رۈيجىننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشىغا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ قوشۇلدى. جەنۇبىي جياڭشىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلار ئىچىدە رۈيجىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان تۇنجى ناھىيە شەھەرگە ئايلاندى.

  سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئۇنتۇماسلىق، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەشكە چىن قەلبىدىن كۈچ چىقىرىپ، «قەدىمىي قىزىل پايتەخت» يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  «ئاپېلىسىن» مەنزىرىسىنى سىزىپ، كەسىپ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشئاپېلسىن، مايلىق چاي ۋە كۆكتاتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپكە تايىنىپ، 2018-يىلى %60تىن ئارتۇق نامرات ئائىلە نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى.

  «مۇشۇنداق ئۈنۈمسىز يەرگە ئاپېلسىن تەرگىلى بولامدۇ؟» «قەيەرگە، كىمگە ساتىمىز؟»......

  ئەمدىلا ئاپېلسىن تېرىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، خۇاڭ شياۋخۇڭنىڭ كۈنى تەستە ئۆتەتتى. ئاران تەستە 20 نەچچە يۇرتدىشىنى سەپەرۋەر قىلغاندا، ئىككى يىلغا يەتمەيلا يېرىمى تارقىلىپ كەتتى. ئاپېلسىن تېرىش دەۋرى ئۇزۇن بولغاچقا، كۆپچىلىك تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمىدى. بىر قېتىم پىكىردە توقۇنۇشۇپ قېلىپ، خۇاڭ شياۋخۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى چېقىلىپ كۇكۇم -تالقان بولۇپ كەتتى...

  داشېڭ كەنتىنىڭ ئەسلى نامى بەيلۇ كەنتى ئىدى. سوۋېت رايونى مەزگىلىدە، قىزىل ئارمىيە خېلۇڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسدە غەلىبە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەيلۇ كەنتىنىڭ نامى داشېڭ كەنتىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەر 200 ئائىلىلىككىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 118گە يېتىپ، ئىسىم-فامىلىسى بار ئىنقىلابىي قۇربانلار 99 كىشىگە يەتكەنىدى.

  ھەممە ئائىلىدىن قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان، ھەممە ئائىلىدە ئىنقىلابىي قۇربانلار تەۋەسى بار، شانلىق تارىخقا ئىگە داشېڭ كەنتىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا قىسمەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك نامرات كەنتكە ئايلانغانىدى. «باشقىلار ئاپېلسىنغا تايىنىپ باش كۆتۈرەلەيدىغان، بىز نېمىشقا قىلالمايمىز؟» خۇاڭ شياۋخۇڭ بۇنىڭغا تەن بەرمەي، دائىم سىرتقا چىقىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ، قايتىپ كېلىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلدى.ئەجىر يەردە قالماس. 2014-يىلىغا بارغاندا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئاپېلسىن تېرىش كۆلىمى 3900 موغا يېتىپ، يىلدا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئاپېلسىن ساتىدىغان بولدى. خۇاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىدىن كەلگەن 370 كىشى بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 5000 يۈەنگە يېتىدۇ.

  «شانلىق نەتىجە ئۆزى كەلمەيدۇ، تىرىشقاندىلا ئېسىل نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ». زېتەن يېزىسى يۇڭخۇڭ كەنتى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىكى مور تېرىغۇچى دېڭ چاڭرۇڭ بۇ گەپكە چىن قەلبىدىن ئىشىنەتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ