مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە تۈرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2019.06.11 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە تۈرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەخسۇس زايوم دېيىلىدۇ)نىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.

  1. ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسىي پىرىنسىپ

  (1) ئومۇمىي تەلەپ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك پىشاڭسىزلاشتۇرۇش ئاساسىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بولۇش، تىزگىنلىگىلى بولۇش، تەرتىپلىك بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش تەلىپى بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس زايوم باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس زايوم كۆلىمىنى بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئاساسىدا ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ يۈرۈشۈشچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە تۈرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ