جۇڭگو ئاياللار فوندى جەمئىيىتىنىڭ «ئانام ياسىغان.شەرق كىمخاب خالتىسى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرى بېيجىڭدا باشلاندى

2019.06.11 16:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار بىرلىكتە «ئانام ياسىغان.شەرق كىمخاب خالتىسى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: شۇ كۈنى، جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى گەنسۇ ئۆلكىسى جېنيۈەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا «ئانام ياسىغان.شەرق كىمخاب خالتىسى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى يولغا قويدى. «ئانام ياسىغان.شەرق كىمخاب خالتىسى» تۈرى «ئانام ياسىغان» ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنىڭ ماركا تەسىر كۈچى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، گەنسۇ جېنيۈەن ناھىيەسىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت كەسپى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، جېنيۈەن ناھىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاياللارنىڭ ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان. (مۇخبىر جاڭ يۈۋېي فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ