مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تېخىمۇ كۆپ بىمارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش سىياسىتىنىڭ پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.06.11 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ شيەنجۈن 10-ئىيۇن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش 2019-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى»دا: دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بىمارنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش سىياسەت پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىر قىسىم دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى «كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. 2018-يىلى ئېلىمىز بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىمارلارنىڭ دورا چىقىمى يۈكىنى يېنىكلەتتى. راكقا قارشى دورىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى مەخسۇس سۆھبىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، راكقا قارشى 17 خىل دورىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈلدى ھەمدە دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى؛ دۆلەت دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەشكىللىگەن 25 دورىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %52 تۆۋەنلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، دورا خىراجىتى 5 مىليارد 800 مىليون يۈەن تېجىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىمارلارغا تەخمىنەن 2 مىليارد 300 مىليون يۈەن دورا چىقىمى تېجەپ بېرىلىدىكەن.

  شيۇڭ شيەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2019-يىلى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەشتە، كىلىنىكىلىق قىممىتى يۇقىرى، ئىقتىسادچانلىقى ياخشى تېخىمۇ كۆپ دورىلارنى مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق كىلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، بىمارلارنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك. دورا مۇندەرىجىسى ئىجازىتى سۆھبىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بازارغا باھانى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دورا باھاسىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت دورا مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ رايون، تېخىمۇ كۆپ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا قاتناشتۇرۇش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ