مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئۇچرىغان تور ھۇجۇمى ئاساسلىقى ئامېرىكىدىن كەلگەن

2019.06.11 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومپيۇتېر تورىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى (CNCERT) يېقىندا «ئېلىمىزنىڭ 2018-يىللىق ئالاقە تورى تور بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»نى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىن كەلگەن تور ھۇجۇمى سانى ئەڭ كۆپ ھەمدە بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە ئىكەن.

  CNCERT نىڭ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياغاچ ئات ۋە مۇردا تورى جەھەتتە، 2018-يىلى ئامېرىكىغا جايلاشقان 14 مىڭدىن ئارتۇق ياغاچ ئات ياكى مۇردا تورىنى كونترول قىلىش مۇلازىمىتىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى 3 مىليون 340 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېرنى كونترول قىلغان، كونترول قىلغان مۇلازىمىتىرنىڭ سانى 2017- يىلىدىكىدىن %90.8 ئاشقان. تور بېكەتتىكى ياغاچ ئات جەھەتتە، 2018- يىلى ئامېرىكىغا جايلاشقان 3325 دانە IP ئادرېسى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى 3607 تور بېكەتكە ياغاچ ئات كۆچۈرگەن، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تور بېكەتكە ياغاچ ئات كۆچۈرگەن ئامېرىكىنىڭ IP ئادرېسى سانى 2017-يىلىدىكىدىن %43 ئاشقان.

  جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى كومپيۇتېرنى كونترول قىلىش سانى ۋە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ياغاچ ئات كۆچۈرۈلگەن تورنى كونترول قىلىش سانىغا قىلىنغان سانلىق ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدىكى ھۇجۇم مەنبەسى قاتارىدا ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىزچىل جۇڭگونى ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىق تەھدىتى دەپ ئەيىبلىدى، لېكىن يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا تور ھۇجۇمىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ