خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 9-چېسلا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 24-چېسلا باۋشاڭ بانكىسى ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن بۇيان، تۈرلۈك كەسىپلەر نورمال بېجىرىلىپ، تۈرلۈك سىستېمىلار مۇقىم يۈرۈشۈپ، تىجارەت تور-نۇقتىلىرى تەرتىپلىك يۈرۈشۈپ، بانكا كاپىتالى تولۇق، ئېقىشچانلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، باۋشاڭ بانكىسىنىڭ نورمال، مۇقىم تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مۈلۈك ئېنىقلاش، مەبلەغ بېكىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا باشلاش كېرەك. پۈتۈن ساھەدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم، يۈرۈشۈشچانلىقى بىرقەدەر يېتەرلىك بولۇپ، ئومۇمىي خەۋپ-خەتەرنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
بانكا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كونا-يېڭى ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە، باۋشاڭ بانكىسىنىڭ يېڭى مۈلۈك قەرزى مۇقىم يۈرۈشۈشنى ساقلىدى. يېقىندا بۇ بانكا مۇددىتى 6 ئايلىق بولغان كەسىپداشلار ئامانەت پۇل تالونىدىن 1 مىليارد يۈەن، مۇددىتى 3 ئايلىق بولغان كەسىپداشلار ئامانەت پۇل تالونىدىن 200 مىليون يۈەن تارقاتتى، تارقىتىش ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم %3.25 ۋە %3.15 بولدى، كەسىپداشلار كەسپى ئەسلىگە كەلدى. نۆۋەتتە، كۆپ سوممىلىق ھەقدارلىق سېتىۋېلىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. كېيىنكى قەدەمدە مۈلۈك ئېنىقلاش، مەبلەغ بېكىتىش خىزمىتى ۋاقتىدا باشلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بوغالتىرلىق ئورنى، ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە مۈلۈك باھالاش ئورنى قاتارلىق ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى تەكلىپ قىلىپ، باۋشاڭ بانكىسىنىڭ مۈلۈك قەرزىنى ئېنىقلاش، ھېسابات ئىشلىرىنى ئېنىقلاش، ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلىرى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ