دۇەنۋۇ چاغىنىدا توشۇش تەرتىپى ياخشى بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 134 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى

2019.06.10 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 9-ئىيۇن قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە يول، سۇ يوللىرىدا يولۇچى توشۇش تەرتىپى ياخشى بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، يولۇچى توشۇش مىقدارى 134 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %3 تۆۋەنلىگەن، 9-ئىيۇن سائەت 15 كىچە، چوڭ دائىرىدە، ئۇزاق مۇددەت ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرمىگەن.

  تاشيول جەھەتتە، دۇەنۋۇ چاغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تاشيول تورىنىڭ قاتناش مىقدارى كۈندىلىك سەۋىيەدىن سەل يۇقىرى بولۇپ، تاشيولدا سەپەرگە چىقىش ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئېھتىياجىنى ئاساس قىلغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 9 دىن سائەت 11 گىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 15 تىن 18 گىچە بولغان سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسى ۋە چوڭ ئېقىم ئەھۋالى گەۋدىلىك، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىنىڭ قىستاڭچىلىق ئەھۋالى ئادەتتىكى كۈندىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، سىجىللىقى ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن روشەن تۆۋەن بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ