مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ لوڭجياپۇ كانچىلىقىدا كان تەۋرەش يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

2019.06.10 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاڭچۈن يېڭى رايونىدىن ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 20 دىن 01 مىنۇت ئۆتكەندە، جىلىن ئۆلكىسى لوڭجياپۇ كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە 2. 3 بال يەر تەۋرەپ (كان تەۋرەپ)، قۇدۇق ئاستىدىكى مەشغۇلات خادىملىرى قاپسىلىپ قالغان. ھازىرغىچە توققۇز ئادەم قازا قىلغان، 10 ئادەم يارىلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، كان تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىلىن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، قۇدۇق ئاستىدا قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرغان. ھازىر يارىدارلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا پائال داۋالىنىۋېتىپتۇ، باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھالدا قۇدۇقتىن چىقىپتۇ. چاڭچۈن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ