خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ) دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ كىتابنى ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
«پىروگرامما» جەمئىي 21 باب، 99 كاتالوگ، 200 ماددا بولۇپ، ئاز كەم 150 مىڭ خەتلىك. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇدىغان يېتەكچى ئىدىيە دېگەن ئاساسىي تېما زىچ چۆرىدىلىپ، «سەككىز ئېنىق بولۇش» ۋە «14تە چىڭ تۇرۇش» يادرولۇق مەزمۇن ۋە ئاساسقا بىنائەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، بۇ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، كاللىسىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. «پىروگرامما»نىڭ مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى رەتلىك، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئىستىلى جانلىق، ئاددىي-ساددا بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش ماتېرىيالى، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇقىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ