شىئەندە تېز يەتكۈزۈش «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.06.06 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىئەن جىڭدۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئىستېرېئولۇق ئامبىرى ئىچىدە، ماللار يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق دۆۋىلەش ماشىنىسىغا يېتىپ باردى ھەمدە دۆۋىلەش ماشىنىسى تەرىپىدىن مال جازىسىغا قويۇلدى (6- ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېرىم يىلغا يېقىن سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، جىڭدۇڭنىڭ شىئەندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروت مەركىزى يېقىندا رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ئەنئەنىۋى ئامبارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ تۈردە ئاپتوماتىك ئايرىش سىستېمىسى، ئىستېرېئولۇق دۆۋىلەپ ساقلاش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، تىجارەت ئۈنۈمى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئادەم كۈچى زور دەرىجىدە تېجەپ قېلىندى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە زاكاز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 500 مىڭ پارچىدىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ