خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 10 مىليون 310 مىڭ (ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە كۆپەيتىپ تولۇقلاپ تىزىملاتقانلارنىڭ سانى بۇنىڭ سىرتىدا) ئىكەن. مائارىپ تارماقلىرى دۆلەت مائارىپ بىرتۇتاش ئىمتىھان خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى تۈزەپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى تۈزەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.
−− ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.
−− ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.
−− ئىمتىھان مەيدانىنى باشقۇرۇش تەرتىپى چىڭىتىلىدۇ.
−− ئىمتىھاندا سەمىمىي بولۇش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
−− ئىمتىھان مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ