خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر خاربىندىكى قار-مۇز دۇنياسى «ئۆي ئىچى قار-مۇز باش تېما باغچىسى»دا ساياھەت قىلماقتا.
يېقىندا، «قار-مۇز دۇنياسىدا خىيالىي ساياھەتنى باشلاش» ئاساسىي تېما قىلىنغان خاربىن قار-مۇز دۇنياسى «ئۆي ئىچى قار-مۇز باش تېما باغچىسى» ئېچىلدى. بۇ ئاساسىي تېما باغچىسىنىڭ كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ۋاقىت ئۆتۈشۈش ماشىنىسى، بالىلار دۇنياسى، قار-مۇز سەنئەت سارىيى، تىلەك تىلەش مەيدانى، مۇز تۇتقان گۈل-گىياھ قاتارلىق 17 مەنزىرە نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، رەڭدار مۇز مەنزىرىلىك بالىلار دۇنياسى بەرپا قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ