مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.06.04 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئىيۇن، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى قاتناش باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇيدىغان ماشىنىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىل تىجارىتى ئىجازىتى ۋە شوپۇرلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، لاياقەتسىز ئاپتوموبىل، لاياقەتسىز شوپۇرلارنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسلىق لىنىيەلىرىگە يېتەرلىك ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىش-كېلىشىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدىكى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنى قوغداش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىمتىھان نۇقتىسى دەرۋازىسى ئالدىدا ۋە ئەتراپتىكى يول بۆلەكلىرىدە ۋاقىتلىق قاتناش باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتنىشىنىڭ تەرتىپلىك، تىنچ بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلاردىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەن، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن قايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەمدە كىملىك، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ياردەم بېرىشى كېرەك. سەپەرگە چىقىشقا يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتكە يول ئەھۋالى ئۇچۇرى، سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتمىسى ۋە ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىق قاتناشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىپ، ئاممىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش لىنىيەسىنى مۇۋاپىق تاللاشقا يېتەكلەپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ